2008-10-15

alimama ئېلان كىرىمىنى ئۆز ھېسابىمىزغا يۆتكەش ئ­

alimama ئېلان كىرىمىنى ئۆز ھېسابىمىزغا يۆتكەش ئۇسۇلى

alimama دىكى پۇلنى ئېلىش گوگلىنىڭىكىدەك تەس بولمىسىمۇ ، ھازىر alimama ئېلانى قۇيىۋاتقانلار كۆپ بولغاچقا ، بۇنى يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .

alimama  ھەر ئاينىڭ 15-كۈنى ھېسابات بوغىدۇ، مەسىلەن 2008-يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ھېسابات بوغقان بولسا، بۇنىڭدىكى كىرىم سىزنىڭ 7-ئايلىق قىلغان كىرىمىڭىز بولىدۇ، بۇلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا تېخنىكا مۇلازىمە ھەققى تۇتىۋېلىپ قالغىنىنى سىزگە ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ .

   ئاۋال رەسىمگە قاراڭ

  ھېساب يۆتكەشنى سۆزلەشتىن بۇرۇن سىزگە يەنە ئەسكەرتىدىغىنىم، ئەگەر alipay ھېساباتىڭىزنى تېخى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزمىگە بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى alimama ئېلان ھېساباتىڭىزنى alipay بانكا ھېساباتىڭىزغا باغلىماي تۇرۇڭ .

ئەمدى گېپىمىزگە كىلەيلى

ھېساب يۆتكەش ئۈچۈن http://www.alimama.com غا كىرىپ ھېساباتىمىزنى ئاچىمىز، رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ئاندىن 提现 نى باسىمىز .

يەنە بىر كۆزنەك ئېچىىلىدۇ، بۇنىڭدا يەنە سىزنىڭ ئېلىشقا بلىدىغان پۇلىڭىزنىڭ سوممىسى چىقىپ تۇرىدۇ، سىز شۇ سوممىنى ئەينەن يازسڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئاز يازسىڭىزمۇ بولىدۇ .

كاتەكچىنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 提现 نى يەنە بىر قېتىم باسىمىز . بىر ئۇچۇر كۆزنىكى چىقىپ جەزىملەشتۈرۈشنى سورايدۇ، 确定 نى باسىسىز .

توغرا باسقان بولسىڭىزلا ئاستىغا

提现成功 دېگەن خەت چىقىدۇ . مانا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا alimama ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلغان پۇلنى alipay تور بانكىمىزغا يۆتكىۋالدۇق .
 
مەنبە : تور